تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن يەنە بىر ھەيئەت مالايشىيا زىيارىتىنى باشلىدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت 10-ئاپرېل مالايشىياغا يېتىپ باردى. ھەيئەتنى مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتقان مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى ABIM نىڭ ئاياللار شۆبە رەئىسى فاتىن نۇر، ماجىدە نورىددىن خانىملار كۈتۈۋالدى.

ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ۋە بىرلىك ۋەكىلى مۇيەسسەر ئەمىن خانىمدىن تەشكىللەندى.

ھەيئەت بۇ زىيارەتتە ئاساسلىقى مالايشىيادا يېڭىدىن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى» (UMRO) نىڭ پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش ھەمدە كېڭەيتىش، مالايشىيا ئاياللىرىنى مەركەز قىلىپ، مالايشىيا خانىم-قىزلىرى بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خانىم قىزلار ئارىسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ، مالايشىيا ئاياللىرىنىمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاكتىپ پىدائىيلىرىغا ئايلاندۇرۇش مەقسەت قىلىندى.

ھەيئەت زىيارەت داۋامىدا مالايشىيا جەمئىيىتىدىكى بارلىق تەسىر كۈچكە ئىگە ئاياللار تەشكىلاتلىرى، ئايال سىياسىيونلار ۋە زىيالىي قاتلىمى ھەمدە تەسىر كۈچكە ئىگە شەخسلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىدۇ. مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى، تاراتقۇلارنى زىيارەت قىلىش، سىياسىيونلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرىدۇ.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1269 قېتىم كۆرۈلدى
10/04/2023 16:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق