شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللام ۋە باش كاتىپى ئابدۇرازاق ئۇجاتتىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش پىلان دائىرىسىدىكى پائالىيتى داۋام قىلماقتا.
ھەيئەت 8-ئاپرېل ھىندونېزىيەنىڭ كىلاتىن شەھىرىدىكى بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى، مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنى زىيارەت قىلدى.
بۇ جەرياندا ئوقۇتقۇچى ھەمدە ئىماملارغا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى سەۋەبسىز لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئىرقىي قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى، جۈملىدىن مۇبارەك رامىزاندا روزا تۇتۇشىنىمۇ چەكلەش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ پاجىئەگە قارىتا مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەسلەتتى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ