خىتاي تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان ئالاقىدار ئاپپاراتلارنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى تەرغىب قىلغان ئالاقىدار ئاپپاراتلارنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۇ فېڭليەن 7-ئاپرېل تەيۋەن يۈەنجىڭ فوندى جەمئىيىتى، ئاسىيا ئەركىن دېموكراتلار ئىتتىپاقى، دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، ھەمكارلىق قاتارلىق ناملار بىلەن ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە قىلىش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، خەلقئارادا «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» نى تەشەببۇس قىلغانلىقى، خىتايغا قارشى كۈچلەرنى ئۆزىگە تارتىپ «بىر خىتاي، بىر تەيۋەن» نى تەشەببۇس قىلىپ، بىر خىتاي پىرىنسىپىغا خىلاپ ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

باياناتچى جۇ فېڭليەن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يۇقىرىقى ئىككى ئاپپاراتنى جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى، مەزكۇر ئاپپاراتلارغا بېرىلىدىغان جازا ئاپپارات مەسئۇللىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە خوڭكوڭ، ماكاۋ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا كىرىشىنى چەكلەش، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنى چەكلەش ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 781 قېتىم كۆرۈلدى
10/04/2023 16:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق