خىتاي يەنە بىر تارىخىي مەسچىتنى ساياھەت ئورنىغا ئۆزگەرتتى

خىتاي رېجىمى 2018-يىلدىن 2022-يىلغىچە بولغان ئاتالمىش«13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇنلىغان مەشھۇر تارىخى مەسچىتلەرنى چېقىۋەتكەن ياكى مەسچىتلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت قىلىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، ساياھەت ئورنى، چايخانا، مەيخانا، ھەتتا ھاجەتخانا قىلىپ ئۆزگەرتكەنىدى.

1-ئاپرېل خىتاي ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىدىكى يەنە بىر تارىخى جامەلەرنىڭ بىرى بولغان ئالتۇن مەسچىتىنى ساياھەت مەنزىرە ئورنىغا ئۆزگەرتكەن.

2020-يىلى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) تەرىپىدىن تەييارلانغان مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارغا قارىغاندا، سۈنئىي ھەمراھ بىلەن تارتىلغان سۈرەت ئارقىلىق يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە جەمئىي 16000 دىن ئارتۇق مەسچىتنىڭ خىتاي تەرىپىدىن چېقىپ ۋەيران قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. بۇنىڭ ئىچىدە 8 مىڭ مەسچىت قەھۋەخانا، چايخانا، ھەتتا ھاجەتخانا، ساياھەت ئورنى قاتارلىقلارغا ئۆزگەرتىلگەن.

بۇ مەسچىت 1873-يىلى سېلىنغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن كونا شەھەر رايونىغا جايلاشقان. مەسچىت ھويلا، پېشايۋان ۋە گۈمبەز شەكىللىك ئىچكىرىكى مەسچىتتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. پېشايۋاندا 62 دانە تۈۋرۈك بار بولۇپ، تارىخى ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ھەربىر تۈۋرۈكنى بىر ئۇستا ئۆز ھۆنىرىگە ئاساسەن ياسىغاچقا، تۈۋرۈكتىكى گۈل ئويما نۇسخىلىرى ۋە نەقىشلىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىكەن. بۇ مەسچىتتە جۈمە نامىزى، روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان بولغاچقا، جامە مەسچىت دەپمۇ ئاتالغان. نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى مەسچىتتە ناماز ئوقۇشنى بىر پۈتۈن چەكلەپ مەسچىتنىڭ تۈۋرۈك، مېھراب، تورۇس ھەمدە تاملىرىدىكى ھەيۋەتلىك ئۇيغۇر بىناكارلىق قۇرۇلۇش سەنئىتى، ھەيۋەتلىك ياغاچ ئويما ۋە نەقىشلەرنى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋەتكەن.

خىتاي 2017-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا باشلىغان خالىغانچە كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىش جەريانىدا جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان خەلقنىڭ سانى نەچچە مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا كەم دېگەندە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى 8 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇش تېررور سىياسىتى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1956 قېتىم كۆرۈلدى
10/04/2023 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق