باي ناھىيەسىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم يەر تەۋرىگەن. 

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7-ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 18:17 دە باي ناھىيەسىدە 4.6 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 15 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. تۇنجى يەر تەۋرەپ ئىككى مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە 3.1 بال تەۋرىگەن.

خىتاي رېجىمى ئىلگىرىكىدەكلا ئاپەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

خەۋەردە يەر تەۋرىگەندە، باي ناھىيە بازىرىدىكى كىشىلەر كۈچلۈك تەۋرەشنى ھېس قىلغان. خىتاي ئېلېكتىر تورى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ 110 كىلوۋولتلۇق كاڭچى پونكىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ھېساباتىدا يوللىغان سىنلىق كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە يەر تەۋرىگەندە، ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى كۆرۈنەرلىك ئىغاڭلاپ تەۋرىگەن بولسىمۇ بىراق تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتىكى توك ئىشلىتىش تەسىرگە ئۇچرىمىغان.

مۇخبىرنىڭ باي ناھىيەلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ۋە باشقۇرۇش تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى باي ناھىيەسى بۇلۇڭ يېزا بازىرىنىڭ يېنىدىكى قۇملۇققا جايلاشقان. نۆۋەتتە يەرلىكتە توك بىلەن تەمىنلەش، خەۋەرلىشىش، قاتناش يوللىرى نورمال ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1244 قېتىم كۆرۈلدى
10/04/2023 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق