ئەركىنلىك سارىيى ئېلان قىلغان دوكلاتتا خىتاي دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشتا ئەڭ چوڭ جىنايەتچى دەپ كۆرسىتىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 7-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاشىنگىتوندىكى دېموكراتىيە تەتقىقات تەشكىلاتى ئەركىنلىك سارىيى «يەنىلا بىخەتەر ئەمەس: 2022-يىلدىكى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» ماۋزۇلۇق دوكلات ئېلان قىلغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر قانۇنسىز چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش، تۇتۇپ تۇرۇش ۋە جىسمانىي ۋە رەقەملىك تەھدىت شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش تاكتىكىسىنى ئىشلىتىپ، چېگرا سىرتىدا ياشايدىغان ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاۋازىنى جىمىقتۇرغان.
دوكلاتتا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئىچىدە خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشى %30 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئەركىنلىك سارىيى مەزكۇر دوكلاتتا، دۇنيادىكى 91 دۆلەتنىڭ 2014-يىلدىن بۇيانقى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 38 دۆلەت بىۋاسىتە 854 قېتىملىق دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ۋەقەسىگە چېتىلغان.
دوكلاتتا، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشنى ئەڭ كۆپ سادىر قىلغۇچى دۆلەت خىتاي، رۇسىيە، مىسىر ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەنلىكى، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ زوراۋانلىق ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش ئارقىلىق چەتئەلدە ياشايدىغان ئۆكتىچى ۋە تەنقىدچىلەرنى باستۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا خىتاي ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك كۈچىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەردە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر، چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن خىتاي پۇقرالىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ياكى باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم قىلىپ ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بېسىم قىلدى دەپ ئەيىبلەنگەن. ئۇندىن باشقا خىتاي يەنە خىتاي سىرتىدا ياشايدىغان پائالىيەتچىلەر ۋە ئۆكتىچىلەرگە تور ھۇجۇمى قىلغانلىقى ۋە باشقا رەقەملىك تەھدىتلەرنى سېلىش قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا ساھىبخان ھۆكۈمەتلەرگە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ رەسمىي ئېنىقلىمىسى، ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قاتناشقۇچىلارغا نىسبەتەن قاراتمىلىق ھالدا جازا قوللىنىشتىن ئىبارەت بىر قانچە تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ