يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدار تەكشۈرۈلدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىپ يوقىتىش رەزىل پىلانى دائىرىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىپ جازالىغاندىن سىرت، خىتاي كومپارتىيەسىگە جاندىل بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان قورچاق ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىمۇ ھەرخىل باھانىلەر بىلەن جازالاشنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە نازارەتچىلىك كومىتېتى ئورگان تورىنىڭ 6-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە نازارەتچىلىك كومىتېتى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى قورچاق ئەمەلدار ياسىن سىدىق ئاتالمىش ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

قورچاق ئەمەلدار ياسىن سىدىق 1968-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، يۇرتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇمۇلدىن بولۇپ، ئاسپىرانتلىق مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە. ئۇ 1993-يىلى 7-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان. ئىلگىرى ئاراتۈرك ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە ھاكىمى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق دائىمىي كومىتېتى قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۇندىن باشقا ئۇرۇقچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، شەھەر باشلىقى ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان.

كۆزەتكۈچىلەر تارىختىن بىرى خىتايغا جان پىدالىق بىلەن ئىشلىگەن، خىتايغا ھەمكارلىشىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىغا شىرىك بولغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى، ھەممىسى دېگۈدەك ھەرخىل باھانىلەر بىلەن جازالانغانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىغا ھەمكارلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۇر بەكرى، ياسىن سىدىق قاتارلىق قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۆز خەلقى تەرەپتە تۇرۇش يولىنى تاللىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1355 قېتىم كۆرۈلدى
10/04/2023 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق