شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللام ۋە باش كاتىپى ئابدۇرازاق ئۇجاتتىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش پىلانى بويىچە، 1-ئاپرېلدىن باشلاپ ھىندونېزىيەدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىغانىدى.
ھەيئەت 6-ئاپرېل ھىندونوزىيەنىڭ كىلاتىن شەھىرىدىكى ئىبنى ئابباس تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى، دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى ۋە تولۇق كۇرس قىز ئوقۇغۇچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى سەۋەبسىز لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئىرقىي قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى، جۈملىدىن مۇبارەك رامىزاندا روزا تۇتۇشنى چەكلەش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى تونۇشتۇرغان.
ھەيئەت بۈگۈن يەنە ھىندونېزىيەدە تونۇلغان يوتۇب قاناللىرىدىن بىرى «ئىباسكا قانىلى» دا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلەپ، خىتايلاشتۇرۇش رەزىل مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ