خىتاي بىلەن رۇسىيە شىمالىي قۇتۇپتا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىدى

شىمالىي قۇتۇپ چوڭ كۈچلەرنىڭ تالىشىش سەھنىسىگە ئايلانغان بولۇپ، بەشبۇرجەكلىك بىنا خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى يامان غەرەزلىك كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 6-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەۋەردە شىمالىي قۇتۇپ رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەسى تىلغا ئېلىنىپ، كىلېمات ئۆزگىرىشى شىمالىي قۇتۇپتىكى كىلېماتنى قىزىتىپلا قالماي، بۇ رايوننىڭ چوڭ كۈچلەرنىڭ تىركىشىش مەيدانىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

شىمالىي قۇتۇپ ئىستراتېگىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى كاتىپى ئىرىس فېرگۇسون

3-ئاپرېل ئېچىلغان دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقى يىغىنىدا: «يېقىنقى ئون يىگىرمە نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، كىلېمات ئۆزگىرىشنىڭ رايوندىكى جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە تېخنىكا ئۆزگىرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە شىمالىي قۇتۇپتىكى ئىگىلىك ھوقۇق ساھەسىنى كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان، ھەتتا خىتاي ئۆزىنى شىمالىي قۇتۇپقا يېقىن دۆلەت ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان. كانادا قوراللىق قىسىملىرى بۇلتۇر شىمالىي قۇتۇپتا خىتاينىڭ ئۆلچەش بۇيۇملىرىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى دېڭىز ۋە مۇزنىڭ قېلىنلىقىنى ئۆلچەش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ پائالىيىتىنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ رۇسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى ھەربىي كۈچى ۋە خىتاينىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈچەيگەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانىدى. رۇسىيە شىمالىي قۇتۇپ قوماندانلىق ئورگىنىنى قۇرۇپ، ئاۋتودروم ۋە چوڭقۇر سۇ پورتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە يۈزلىگەن يېڭى ۋە كونا سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى شىمالىي قۇتۇپ ھەربىي ئورۇنلىرىنى قايتا ئاچقان. خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇز يارغۇچى پاراخوت ياساشنى پىلانلىغان بولۇپ، شىمالىي قۇتۇپتىكى ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە ۋە تەتقىقات تۈرلىرىگە مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان.

ئىرىس فېرگۇسون ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى رايوندا تەھدىتلەرنى بايقاش ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشتا مۇناسىپ ئىقتىدارغا كاپالەتلىك قىلىشقا ھەمدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، تەھدىت ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1125 قېتىم كۆرۈلدى
07/04/2023 18:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق