ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تور كونترول قىلىش ۋە تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە ھەمكارلاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 6-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى 5-ئاپرېل ئېلان قىلغان مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەمكارلىشىپ، قارشى پىكىردىكى كىشىلەرنى نازارەت قىلىش ۋە تورنى كونترول قىلىش قورالى ۋە تاكتىكىلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى بايقالغان.
ئاشكارىلانغان ھۆججەت ۋە خاتىرىلەردە 2017-ۋە 2019-يىللىرى خىتاي تور بوشلۇقى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن رۇسىيە ئىنتېرنېتنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل ھۆكۈمەت ئورگىنى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئاممىۋى ئاخباراتنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا يېپىق يىغىنلار ئېچىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى داۋاملىق كۈچەيگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ 2013-يىلى تۇنجى قېتىم رۇسىيەنى زىيارەت قىلغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت يېقىنقى ئون يىلدا ئالاقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرغان بولۇپ، ئىنتېرنېتتا ئۇچۇرنىڭ تارقىتىلىشىنى كونترول قىلىش ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن. كېيىنكى يىللاردا، تورنى قاتتىق كونترول قىلىش ئورتاق تەسەۋۋۇرىنىڭ تۈرتكىسىدە خىتاي بىلەن رۇسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر يۈرۈش كېلىشىم ۋە ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق بۇ ھەمكارلىقنى كېڭەيتكەن. بۇ جەرياندا خىتاي ئەمەلدارلىرى رۇسىيەنىڭ تاراتقۇلارنى قانداق نازارەت قىلىش، خەلق ئىچىدىكى نارازىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى تەجرىبىسىنى ئۆگەنگەن.
2019-يىلدىكى بىر يىغىندا، خىتاي تور-ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى يەنە رۇسىيە ئۇچۇر نازارەت قىلىش ئورگىنىدىن خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئاتالمىش جامائەت مەنپەئەتىگە زىيانلىق دەپ قارالغان خەۋەرلەر ۋە زىيارەت ئۇلانمىلىرىنى توسۇپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان. 2017-يىلى 7-ئايدىن 2020-يىلغىچە رۇسىيە ئالاقە نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر جاروف ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي تور بوشلۇقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېن شيەنلياڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن رۇسىيەنىڭ ئۇچۇر-ئالاقىنى كونترول قىلىش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ