شەرقىي تۈركىستاننىڭ شايار ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىدە 3.6 بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 07:37 دە شايار ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 40.98 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.10 گىرادۇس) 3.6 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي رېجىمى ئىلگىرىكىدەكلا ئاپەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەۋرەش مەركىزىنىڭ بەش كىلومېتىر ئىچىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 957 مېتىر ئېگىز ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 200 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە ئۈچ بالدىن يۇقىرى جەمئىي 263 قېتىم يەر تەۋرىگەن. ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش 2023-يىلى 30-يانۋار شايار ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، 6.1 بالغا يەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1551 قېتىم كۆرۈلدى
06/04/2023 16:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق