شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللام ۋە باش كاتىپى ئابدۇرازاق ئۇجاتتىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش پىلانى بويىچە، 1-ئاپرېلدىن باشلاپ ھىندونوزىيەدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىغانىدى.
ھەيئەت 5-ئاپرېل ھىندونوزىيە پايتەختى جاكارتادىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سولو رايونىغا يېتىپ بارغان بولۇپ، مەزكۇر رايوندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشنى باشلىغان.
ھەيئەت چارشەنبە كۈنى ھىندونوزىيەنىڭ سولو شەھىرىدە تۇنجى بولۇپ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس قىزلار مەكتىپىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، 1000 غا يېقىن قىز ئوقۇغۇچىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى سەۋەبسىز لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى جۈملىدىن مۇبارەك رامىزاندا روزا تۇتۇشنى چەكلەش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ