ئۇيغۇرلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە داۋاملىق سۈرگۈن قىلىنماقتا

خىتاي يېقىنقى يىللاردا ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان ئاتالمىش «يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش» بازىلىرىغا سۈرگۈن قىلىش بىلەن بىرگە خىتاي ئۆلكىلىرىگە داۋاملىق سۈرگەن قىلماقتا.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىسى فېيسبۇك سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلەنگەن سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىل ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈرۈش ۋاسىتىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈرۈش ھەرىكىتى قوزغىغان.

مەزكۇر سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسلىرى خىتاينىڭ چېڭدۇ، سىچۈەن، خاڭجۇ قاتارلىق شەھەر ۋە رايونلىرىدا ئەنگە ئالدۇرۇلغان. سىندا تارقالغان نوپۇس دەپتىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەزكۇر ئۇيغۇرلار ئاساسەن بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا خىتاي شەھەرلىرىگە سۈرگۈن قىلىنغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2021-يىل ئاخىرىدا ئاشكارىلىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرخىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرغان. 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ناھىيەلەردە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش كارخانىلىرىنىڭ سانى 1151 گە يەتكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي ئاتالمىش «باشلامچى كارخانا»، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى»، «دېھقانچىلىق بازىسى» قاتارلىق ئورگانلارنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر دېھقانلارنى بۇ كارخانىلارغا مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇپ مەجبۇرى قۇل ئەمگىكىگە سالغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ھەمكارلىق كوپىراتىپى» 28700 گە يەتكەن بولۇپ، مەزكۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا 431 مىڭ ئائىلە مەجبۇرىي ئەزا قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي قورچاق ئەمەلدارلىرى ئالدى بىلەن يېزا-كەنتلەردىكى دېھقانلارنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئاندىن يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» قاتارىغا كىرگۈزۈپ يۇقىرىغا يوللاپ، ئۇلارنى «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا باشقا يۇرتلارغا، ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا شارائىت ھازىرلىغان.

خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا چىققان مەزكۇر سىنلارنى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر سۇپىلىرىدا داۋاملىق ھەمبەھىرلىمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1974 قېتىم كۆرۈلدى
06/04/2023 16:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق