ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان كۈنى خىتاي تۇيۇقسىز تەيۋەن بوغۇزىدا «بىرلەشمە تەكشۈرۈش مانېۋىرى» قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 5-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 5-ئاپرېل تۇيۇقسىز تەيۋەن بوغۇزىدا «بىرلەشمە چارلاش ۋە تەكشۈرۈش مانېۋىرى» قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى كېۋىن ماككارتىنىڭ كۆرۈشۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى دېڭىز بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە رەسمىي ئۈندىدار ھېساباتىغا ئۇچۇر يوللاپ، «بۈگۈن تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىدىكى بىرلەشمە چارلاش ۋە تەكشۈرۈش مانېۋىرى باشلاندى» دېگەن. يوللانمىدا پۈتۈن تەيۋەن ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەيۋەن بوغۇزىنىڭ خەرىتىسى ۋە چوڭ دېڭىز كۆزىتىش پاراخوتىنىڭ سۈرىتى بىرگە يوللانغان.
خىتاي مەركىزى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېڭى تاراتقۇسى «يۈيۈەن تەنتيەن» بۇ بىر جۈملە ئۇچۇرنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەخسۇس خەۋەر سۈپىتىدە ئېلان قىلغان. دائىرىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۆزىتىش پاراخوتى بىلەن بىرلەشمە چارلاشقا قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەرمىگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي سەي يېڭۋېننىڭ ئامېرىكىغا بېرىشى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ماككارتى بىلەن كۆرۈشۈش مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا چىققاندا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئەگەر سەي يىڭۋېن ماككارتى بىلەن كۆرۈشىدىكەن خىتاي تەدبىر قوللىنىپ قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ