ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى ھىندونوزىيەدىكى دەۋەتچىلەرنى زىيارەت قىلدى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللام ۋە باش كاتىپى ئابدۇرازاق ئۇجاتتىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش پىلانى بويىچە، 1-ئاپرېلدىن باشلاپ ھىندونېزىيەدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىغانىدى.

ھەيئەت 4-ئاپرېل ھىندونوزىيەدە تونۇلغان دەۋەتچى ئالىم زۇلكېفل مۇھەممەد ئەلى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئارقىدىن ھىندونوزىيەدىكى دىنىي ئالىملارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىشنى دىنىي مەسئۇلىيەت دەپ تونۇشىنى تەلەپ قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان ئۇستاز زۇلكېفل بۇنىڭدىن كىيىنكى تەبلىغ ۋە دەرسلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە كۆپلەپ توختىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قاراتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى ھىندونوزىيە خەلقىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھەيئەت يەنە 5-ئاپرېل ھىندونوزىيە پايتەختى جاكارتادا خىزمەت قىلىۋاتقان كىسپا جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى ۋە كىسپا جەمئىيىتىنىڭ ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ھەيئەت يەنە ھىندونوزىيەدە تونۇلغان ياش دەۋەتچى پېلىكىس سىئاۋۇنى زىيارەت قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئاخىرىدا ياش دەۋەتچى پىلىكىسنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بولغان يوتيۇب قانىلىدا مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرى باش تېما قىلىنغان سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1556 قېتىم كۆرۈلدى
05/04/2023 17:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق