ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ تور تەھدىتىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئاز ئۇچرايدىغان «تور ھۇجۇمى» باياناتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 4-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى 4-ئاپرېل ھۇجۇم خاراكتېرلىك تور ھەرىكىتى ھەققىدە كەم ئۇچرايدىغان بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تور ئارمىيەسى قىسمىنىڭ رادىكال ئۇنسۇرلار، ساختا تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى ۋە سايلامغا ئارىلاشماقچى بولغان تور ھۇجۇمى قاتارلىقلارنى نىشانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا، بۇ ھۇجۇملارنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدا مەخپىي دۆلەت تور ئارمىيەسى (NCF) تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى، مەزكۇر تور ئارمىيەسىنىڭ 2020-يىلدىن باشلاپ ھەرىكەت باشلىغانلىقى ۋە ئەنگلىيە قوراللىق قىسىملىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرى ۋە مۇداپىئە خادىملىرىدىن تەركىب تاپىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر ئورگاننىڭ باش دېرىكتورى جېرېمىي فلېمىڭ) نىڭ ئېيتىشىچە: «بۇ تور ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مەقسەت كۈنسېرى داۋالغۇش ۋە ئۆز-ئارا ئىتتىپاق كۈچەيگەن خەلقئارا جەمئىيەتتە ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچان كۈچلۈك تور قوشۇنى دۆلىتى بولۇش» ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە خىتاي سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى رەسمىي «تەھدىت» قاتارىغا كىرگۈزگەن. بۇ يىل مارت ئېيىدا ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە تاشقى ئىشلار توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك باھالاش دوكلاتى خىتاينى «دەۋر خاراكتېرلىك رىقابەتچى» دەپ بېكىتكەنىدى.
بۇ بايانات 28 بەتلىك ماقالە بىلەن بىرگە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، گەرچە بۇ ماقالىدە ئەنگلىيەنىڭ مەسئۇلىيەتچان تور كۈچى دۆلىتى بولالايدىغان تەرەپلىرى بايان قىلىنغان بولسىمۇ بىراق بۇنىڭ تەپسىلاتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە ئەنگلىيە ئالدىنقى قاتاردىكى تور كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنگلىيە ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكىغا قوشۇلۇپ رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان كۈچ سىنىشىش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما ئەنگلىيە تەرەپ ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويمىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ