ھىندىستان خىتاينىڭ تەھدىتى سەۋەبلىك قورال سودىسىنى شىددەت بىلەن ئاشۇردى

ھىندىستان خىتاينىڭ تەھدىتى سەۋەبلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قورال سېتىپ بېرىشنى شىددەت بىلەن ئاشۇردى.

داجيۈەن تورىنىڭ 4-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن قىلغان قورال-ياراغ سودىسى شىددەت بىلەن ئاشقان بولۇپ، بۇ ھىندىستاننىڭ خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ھىندىستان بۇ ئارقىلىق رايوندا ئاساسلىق قورال بىلەن تەمىنلىگۈچىگە ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ئايدا ھىندىستان مۇداپىئە شىركىتى

نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل ھىندونوزىيە بىلەن ئاز دېگەندە 200 مىليون دوللار قىممىتىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئاۋازدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سودا كېلىشىمىنى تاماملاپ، شىركەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بازار ئورنىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلغان.

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ كېلىشىم ھىندونوزىيەنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىككىنچى دەرىجىدىن تاشقىرى ئاۋازدىن يۇقىرى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە قىلىدىكەن. بۇ شىركەت يەنە ئۆتكەن يىلى فىلىپپىنغا 375 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قۇرۇقلۇقتىن دېڭىزدىكى پاراخوتقا زەربە بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ تۇنجى قېتىملىق تاشقى سودا ھېسابلىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ سودا يەنە باش مىنىستىر نارېندېرا مودىنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورتىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئېكسپورتى بۇلتۇر 1 مىليارد 800 مىليون دوللار بولغان بولۇپ، مودى ھۆكۈمىتى كەلگۈسى ئىككى يىلدا ئېكسپورتنى 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى پىلان قىلغان.

سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ ھىندىستان ھەربىي مۇتەخەسسىسى يوگېش جوشىنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستان جەزمەن ئاساسلىق قورال بىلەن تەمىنلىگۈچى بولۇشنى، بولۇپمۇ سۈپىتى يۇقىرى باھاسى ئەرزان قورال-ياراغ ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1033 قېتىم كۆرۈلدى
05/04/2023 17:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق