خىتاي بىر پەسىلىدە 9 مىليون توننا نېفىت-تەبىئىي گازنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان

بۇ يىل 1-پەسىلدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم نېفىتلىكىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان نېفىت-تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 9 مىليون 270 مىڭ توننىغا يەتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 3-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كۈندىلىك قېزىلغان نېفىت-تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 100 مىڭ توننىلىق يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 100 مىليون كۇب مېتىرلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئايلىنىش ھالىتىنى ساقلىغان.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە تارىم نېفىتلىكىدە بۇرغىلىنىۋاتقان 102 قۇدۇق بار بولۇپ، ئورنى چوڭقۇر يەر قاتلىمىدا ئىكەن. خانىقاتام، ئوتتۇرا تارىم قاتارلىق كونا رايونلاردا نېفىت-تەبىئىي گازنى قېزىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تارىم نېفىتلىكىدە 36 يېڭى قۇدۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ كۈندىلىك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1168 توننا، كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 مىليون 210 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكەن. يېڭى قۇدۇقلاردىن ئېلىنغان نېفىت 69 مىڭ توننا، تەبىئىي گاز 190 مىليون كۇب مېتىر بولغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئېلىپ كېتىۋاتقان بارلىق يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىغا ئائىت ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان بايلىقلارنىڭ ئېلان قىلىنغان ساندىن نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، قۇل ئورنىدا ئەمگەككە سېلىش، يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش، ھەتتا پۈتۈنلەي قىرغىن قىلىپ تۈگىتىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1573 قېتىم كۆرۈلدى
04/04/2023 17:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق