يەنە بىر مەسچىت ئاتالمىش «مەدەنىيەت مەركىزى» قىلىپ ئۆزگەرتىلدى

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىپ ۋەيران قىلغانلىقى ياكى ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، مەيخانا، چايخانا، ھەتتا ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرغانلىقى، چاقماي قويغان بەزى مەسچىتلەرنى خىتايچە ئۇسلۇبتا ياسىغانلىقى يىللاردىن بۇيان تىلغا ئېلىنىۋاتقان بىر پەيىتتە،  غۇلجىدا يەنە بىر مەسچىتنى ئاتالمىش«مەدەنىيەت مەركىزى» گە ئۆزگەرتكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى دائىرىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى تۆت دۇكان مەسچىتىنى «مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە مەركىزى» گە ئۆزگەرتكەنلىكى ئاشكارىلانغان. 

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا سەھنىدە ئۆزلىرىنىڭ دىنغا قارشى ئەمەسلىكىنى، دىنى ئەركىنلىكنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ دىنى ئېتىقادىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلار ھەمدە سىنلار خىتاينىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە. 

خىتاي ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي رېجىمى بۇ يىل بېشىدا ئېلان قىلغان ئاتالمىش «يىرىك پىلان» دىمۇ ئىلگىرى بارلىق جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن شەپە بەرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1896 قېتىم كۆرۈلدى
04/04/2023 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق