ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا خىتايغا قارشى ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ئانتونىي بىلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە: «خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ يېنىدا سەپ تۇتالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەكلىكىنى» ئوتتۇرىغا قويدى.

بوررېل يەنە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىگە قارىماي تاجاۋۇزچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بوررېل بىلىنكېن بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى، ئېفىئوپىيە ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بېلارۇسىيەگە توشۇلغان يادرو قورالى بىلەن يېڭى يادرو قىمارى كەسكىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. كۈلكىلىك يېرى شۇكى، بۇ شى جىنپىڭ موسكۋادا زىيارەتتە بولۇپ، تىنچلىقنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا سۆزلىگەندىن كېيىن ۋە يادرو قوراللىرىنى چەتئەلگە ئورۇنلاشتۇرماسلىققا قوشۇلغاندىن كېيىن يۈز بەردى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن رۇسىيە بېلارۇسىيەگە تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇردى» دېدى.

بوررېل سۆزىنىڭ داۋامىدا، ئۆزلىرىنىڭ بىلىنكېن بىلەن خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە ئىش قىلىشىنى ۋە «تاجاۋۇزچى» نى قوللىماسلىقنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاينىڭ ئادىل تىنچلىققا تۆھپە قوشىدىغان ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتى بار. ئۇلار تاجاۋۇزچىنىڭ تەرىپىدە بولالمايدۇ. بۇ بىز بۈگۈنكى ئۇچرىشىشتىن ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن خىتايغا بەرمەكچى بولغان ئۇچۇرىمىز بۇنىڭدىن ئىبارەت» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېننىڭ بۈگۈن خىتاينى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە كېلەر ھەپتە ئۆزىنىڭ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بوررېل: «بىز خىتايغا رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئۇرۇش جىنايىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ ئەتراپلىق ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان مۇناسىۋەتتۇر دېگەن ئىپادىنى ئىشلەتتى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1173 قېتىم كۆرۈلدى
04/04/2023 17:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق