ئامېرىكا تاراتقۇلىرى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا دۆلەتنىڭ شىمالىدا ئۇچقان ۋە خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان «جاسۇسلۇق شارى» ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ھەربىي بازىلاردىن ئاخبارات توپلىغانلىقىنى ۋە خىتايغا يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
NBC خەۋەرلىرىنىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، «جاسۇسلۇق شارى» سانلىق مەلۇماتلارنى بېيجىڭغا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزگەن.
بىر ئەمەلدار بۇ قانالغا قىلغان سۆزىدە، شارنىڭ رەسىمگە تارتمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئېلېكترونلۇق سىگنال توپلىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، ئەمما ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى شارنىڭ پۈتۈن دۆلەتتە لەيلەپ يۈرگەندە ئۇنىڭ ئۇچۇر توپلاش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر