ئامېرىكا فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

فىلىپپىن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشلىتىۋاتقان تۆت يېڭى بازىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا فىلىپپىنغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى 3-مارت كۈنى فىلىپپىندىكى ئامېرىكىنىڭ تۆت قوشۇمچە ھەربىي بازىسىنىڭ ئېنىق ئورنىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچى لوزوننىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ بازا زۆرۈر تېپىلغاندا تەيۋەننى قوغداشقا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بەشبۇرچەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى سابرىنا سىنگىنىڭ

ئېيتىشىچە : يېڭى بازىلارنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مەقسىتى ئاساسلىقى رايوندىكى بىخەتەرلىك ئامىللىرىنى ئاساس قىلغاندىن باشقا، تەبىئىي ئاپەت ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەن.

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ئىشخانىسى يېڭىدىن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن بەرگەن بازىلارنىڭ ئورنىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،  ئۇلار سانتا ئانا كامىلو ئوسىياس دېڭىز ئارمىيەسى بازىسى ۋە لۇزون ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى كاگايان ئۆلكىسىدىكى لال-لو ئايرودۇرۇمى، ئىسابېلا ئۆلكىسى گامۇدىكى كەمپ مېلچور دېلا كىرۇز ۋە خىتاي جەنۇبىي دېڭىزى تەرەپكە قارايدىغان بالاباك ئارىلى قاتارلىق تۆت يېڭى بازىنىڭ كۈچەيتىلگەن مۇداپىئە ھەمكارلىقى كېلىشىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرى مەزكۇر كېلىشىم دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بەش بازىدىن باشقا، بۇ تۆت بازىغىمۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى.

سىنگى 3-ئاپرېل بەشبۇرجەكلىك بىنادىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئاشكارىلىشىچە، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئورۇنلار ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق بىر قاتار ئورتاق تەھدىت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا قارشى ھەمكارلىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.

ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى فىلىپپىننىڭ مۇداپىئە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 82 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجراتقانىدى.

ۋاشىنگتون تىنچ ئوكياندا خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 946 قېتىم كۆرۈلدى
04/04/2023 17:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق