خىتاي سەي يىڭۋېننىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزى دۆلەتلىرىگە تەھدىت سېلىپ ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭدىن بىر مۇخبىر: « خىتاي تەرەپ سەي يىڭۋېن زىيارەتتە بولغان گىۋاتېمالا، بېلىز قاتارلىق ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە قانداق قارايدۇ؟» دەپ سورىغان. 

باياناتچى ماۋنىڭ جاۋابىدا: «دۇنيادا بىرلا خىتاي بارلىقىنى، تەيۋەننىڭ خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلە 1971-يىلدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىدا ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى» بىلدۈردى. 

ماۋنىڭ يەنە، خىتاي ھوندۇراس بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتنىڭ 182 گە يەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى ھەرقانداق كۈچنىڭ توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشى تارىخىي ئېقىمغا قارشى يول تۇتۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماۋنىڭ باياناتىدا يەنە تەھدىت سېلىپ: «بىز لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 856 قېتىم كۆرۈلدى
04/04/2023 17:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق