شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش پىلانى بويىچە، 1-ئاپرېلدىن باشلاپ ھىندونېزىيەدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىدى.
ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللام، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇررازاق ئۇجاتتىن تەشكىللەندى.
ھەيئەت 1-ئاپرېل ھىندونوزىيە پايتەختى جاكارتاغا يېتىپ بارغان بولۇپ، 2-ئاپرېل ھىندونېزىيەدە تونۇلغان ۋە يۇتيۇب قانىلىدا ئىككى يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار ئاساسىي قانۇن دوكتورى رىپلى ھارۇن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئاخىرىدا يۇتيۇب قانىلىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىشلەنگەن مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتناشتى.
ھەيئەت يەنە ھىندونوزىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكى ئەزاسى دوكتور پازلى زون ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئالدى بىلەن پازلى زون ئەپەندىمنىڭ خەلقئارالىق يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۇيغۇرلارغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە ھىندونوزىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى دوكتور مەردانىي ئالى سەرا ئەپەندىمنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى.
زىيارەت جەريانىدا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى تونۇشتۇردى. ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
ھەيئەت يەنە ھىندونوزىيەدىكى نوپۇزلۇق ئىسلامىي جامائەتلەردىن بىرى بولغان ھىدايەتۇللاھ جامائىتىنىڭ قانىلىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ