مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان ۋە ھەريىلى رامىزاندا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئىپتار ئۇچرىشىشى» 2-ئاپرېل ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەكشىللىگەن بولۇپ، ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ھەرقايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق تەشكىلاتلاردىن IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم، ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى ئالىي كېڭەش ھەيئىتى رەئىسى مەھمەت گۈنەي قاتارلىق تەشكىلات رەئىسلىرىدىن باشقا، شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن ئۈچ مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتكە يەنە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر ئىدارىسى رەئىسى دوكتور ساۋاش ئۈنلۈ، ئىستانبۇل ۋىلايىتى كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇدىرى بايرام يالىنسۇ، چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلار ئىدارىسى ئىستانبۇل مەسئۇلى ئەمرە ئورۇچ ئەپەندى قاتارلىقلار ھەمدە سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەت ئابدۇجىلىل قارىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ سۆزىدە بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى ۋە: «بارلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرى خۇشاللىق بىلەن مۇبارەك رامىزاننى كۈتۈۋالغان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان خەلقىمىز خىتاينىڭ باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق تېررور سىياسىتى ئاستىدا روزا تۇتالمىغان، ھېچقانداق ئىبادەتلىرىنى قىلالمىغان ھالەتتە ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ، شۇنداقلا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئاخىرقى قەلئەسى بولغان تۈركىيەدە قېرىنداشلىق ئىپتار پائالىيىتى قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە بۇ نېمەتلەر ئۈچۈن ئاللاھقا كۆپلەپ شۈكرىلەر ئېيتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن IHH ئىنسانى ياردەم ۋەقفى رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم سۆز قىلىپ: «ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە بولۇش بىزنىڭ بەختىمىز، شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇنيادا ئەڭ ئېغىر كۈندە قالغان بىر پەيتتە ئىسلام دۇنياسى بۇنى كۆرمەس بولىۋالماقتا. شەرقىي تۈركىستاندىن ھىجرەت قىلىپ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىنى ئويغىتىشى كېرەك. بارلىق ئىسلام دۇنياسى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمىغۇچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى ئالى كېڭەش ھەيئىتى رەئىسى مەھمەت گۈنەي ئەپەندى سۆز قىلىپ: «رامىزاندىن كېيىن ھېيت كېلىدۇ. تاشكەنت، بۇخارالاردا ئاللاھ نۇرىنى تەجەللى قىلىپ ھېيت بولغان، يەنى مۇستەقىللىقىگە ئېرىشكەن يەردە، مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئاللاھ خالىسا يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقى ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن ئاسمىنىدا لەپىلدىگۈسى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر ئىدارىسى رەئىسى دوكتور ساۋاش ئۈنلۈ سۆز قىلىپ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرى بىلەن ئاپەت رايونىدا ئالدىراش بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك پائالىيەتكە كېلەلمىگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارغا سالام يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «گگتۈركىيە ھەر ۋاقىت مەزلۇملارنىڭ يېنىدا بولغىنىدەك ئۇيغۇرلارنىڭمۇ يېنىدا. ئەمما بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى ھەردائىم تۆردە، باش ئۈستىدە بولۇپ كەلدى. ئىلگىرىمۇ شۇنداق ئىدى، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە ئىككى ئاي ئىلگىرى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ھەمدەمدە بولغانلىقىنى بىلدۈردى. خۇسۇسەن كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى مىنىستىرلىققا يەتكۈزۈپ تۇرغانلىقىنى، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، ئۆزى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ تېلېفونى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ