خىتايلار: ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئەسلى بىزنىڭ ئىدى

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بولغان قارا نىيىتىنى ئاشكارىلاشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي تور بەتلىرىدىكى يازمىلاردا «شىنجاڭنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرمۇ خىتايغا تەۋە تېررىتورىيە ئىدى» دېگەن ئىبارىلەر يەنە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.

1-ئاپرېل خىتاينىڭ ۋاڭيى تورىدا: «نېمە ئۈچۈن شىنجاڭلا بولىدىكەن، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ، دەيمىز؟» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، زوزۇڭتاڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدىكى قەلئە ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ تەرەققىياتى ھەمدە مەۋجۇتلۇقىدىكى تەسىرى ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكى، ھەتتا تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە يىمىرىلىشى شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئاسىيانى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش كېرەكلىكى، ياۋروپا قىتئەسىگە ئۆتىدىغان يىپەك يولى «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن باشلىنىدىغانلىقى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي مەركىزىگە ئايلانغانلىقى قاتارلىقلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

2020-يىلىمۇ خىتاي تور بەتلىرىدە «قازاقىستان نېمە ئۈچۈن ۋەتەن قوينىغا قايتمايدۇ؟» دېگەن يازمىلارنى يوللاپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئاخىرىدا قازاقىستان تەرەپ خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر يازمىلار تور بەتتىن ئۆچۈرۈلگەنىدى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتايلار مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەردىكى يەرلىك خەلققە قىلىۋاتقان كەمسىتىش قىلمىشلىرى ئارقىلىق كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىدىن شەپە بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك پات-پات يەرلىك خەلق بىلەن خىتاي ئاققۇنلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە خىرىس قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ خىتايدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1259 قېتىم كۆرۈلدى
03/04/2023 16:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق