ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى 26-مارتتىن 30-مارتقىچە قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، ئىزچىل تۈردە خىتاي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى.
خىتاي شىنخۇا تورىنىڭ 1-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ما شىڭرۈي زىيارەت جەريانىدا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ پىرېزىدېنتلىرى ۋە باش مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتە ھەرقايسى دۆلەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى» (شەرقىي تۈركىستان) بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كېڭەيتىش، دوستلۇق شەھەرلىرى قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ما شىڭرۈي زىيارەت داۋامىدا ئۆزبېكىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تاشكەنت ۋە سەمەرقەنت بىلەن دوستلۇق شەھەر قۇرۇش ۋە ھەمكارلىق تۈرلىرىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.
قىرغىزىستان زىيارىتىدە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئىچكى كابېنت ئەسلەتمىسى ئىمزالىغاندىن باشقا، دوستلۇق شەھىرى قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىلنىڭ بېشىدا چېگرانى ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىلگىرى ئەمەلدىن قالدۇرغان ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. تۇنجى باسقۇچتا سىناق تەرىقىسىدە قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنى كوللېكتىپ ساياھەت قىلىشنى يولغا قويغان. نۆۋەتتە قازاقىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتە خىتاينىڭ تەسىرى بارغانچە كۈچەيگەن بولۇپ، قازاقىستان تۇپرىقىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغقانلىرىنىڭ دەۋاسىنى قىلغان قازاق ۋە ئۇيغۇرلار نازارەتكە ئېلىنىدىغان ئىشلار كۆپەيگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ