ئاتۇش شەھىرى ۋە ئاقچى ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرى ۋە ئاقچى ناھىيەسىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3.6 ۋە 3.1 بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1- ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 53:11 دە ئاتۇش شەھىرىدە (شىمالىي كەڭلىك 40.08 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 75.96 گىرادۇس) 3.1 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

1- ئاپرېل يەنە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 01:52 دە ئاقچى ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 40.91 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.11 گىرادۇس) 3.6 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي رېجىمى ئىلگىرىكىدەكلا ئاپەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1849 قېتىم كۆرۈلدى
01/04/2023 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق