شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن مالايشىيالىق ئوقۇغۇچىلار 31-مارت ئىستانبۇلدا تەشكىللەنگەن ئىپتاردا جەم بولدى.
پائالىيەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتى، مالايشىيا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تۈركىيە شۆبىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا تەشكىللەندى.
پائالىيەتتە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى بىرلىككە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان بارلىق دىنىي پائالىيەت ۋە ئىبادەتلەرنى چەكلەش، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى دىندىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى، جۈملىدىن نۆۋەتتە مۇبارەك رامىزان مەزگىلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش، روزا تۇتقۇچىلارنى سۇ ئىچىشكە مەجبۇرلاش ۋە ئېغىر جازالاش قاتارلىق باستۇرۇشلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
پائالىيەتتە يەنە مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن شەفىق ئىسمائىل، مالايشىيا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تۈركىيە شۆبىسىگە ۋاكالىتەن لۈبنا خەدىچە سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزلىرىدە، نۆۋەتتە مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىرلىك ۋە ھەمكارلىقنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقى، تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدىن كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئىززەت قولغا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.
ئاخىرىدا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرلىكى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى، خىتاينىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ