ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ خىتاينى چەكلەش سىياسىتىگە ئەگىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا ھەمكارلىشىپ، 23 خىل يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئېكسپورتىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 31-مارت 23 خىل يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئېكسپورتىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. گەرچە ياپونىيە ھېچقانداق دۆلەتنى نىشانلىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەت يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تەدبىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىلغار ئۆزەك ياساش ئىقتىدارىغا ئېرىشىشىنى چەكلەش تەدبىرىگە ھەمكارلاشقانلىق دەپ قارالغان.

ياپونىيە ئىقتىساد، سودا ۋە سانائەت مىنىستىرى ياسۇتوشى نىشىمۇرا جۈمە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ 23 خىل ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئالتە تۈردىكى ئېكسپورتىغا چەك قويۇلىدىغانلىقىنى، بۇ چەكلىمە ئۆزەك تازىلاش، چۆكۈندە، ئوپتىك ئويما، چىرىتىپ ئويماق (مەتبەئەدە خىمىيەۋى دورىلار ياردىمى بىلەن سىنك ۋە مىستىن خەت ياساش) قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغانلىقىنى، بۇ چەكلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن بولغان ئون نەچچە ياپونىيە شىركىتىنىڭ نىكون ۋە توكيو ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ تەسىرى چەكلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەنبەلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياپونىيە بىلەن گوللاندىيە 1-ئايدا ئامېرىكىغا قوشۇلۇپ، 14 نانومېتىردىن تۆۋەن ئۆزەك ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەشكە قوشۇلغان.

خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇ جياڭخاۋ چارشەنبە كۈنى ياپونىيە-خىتاي ئىقتىساد جەمئىيىتى دوستلۇق يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە ۋە گوللاندىيەدىن بۇ ساھەدە خىتاينى چەكلەش سېپىگە قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغانلىقىنى، ئەگەر ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا بويسۇنۇپ قالغان تەقدىردە ياپونىيە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ بازارنى يوقىتىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ياپونىيە تەرەققىياتىنىڭ سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1222 قېتىم كۆرۈلدى
01/04/2023 16:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق