ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 31-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى گارى پېتېرس بىرلىكتە يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش پىلانىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشىنى تەلەپ قىلىدىغان يېڭى قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو ئىشخانىسى 30-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، كېڭەش پالاتا ئەزاسى پېتېرس بىلەن «تەيۋەننى قوغداش ۋە دۆلەتنىڭ قاتتىق تاقابىل تۇرۇش قانۇنى» ناملىق قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
باياناتتا ئىككى پارتىيە، ئىككى پالاتا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپتە دۆلەت مۇداپىئەسى، سودا مىنىستىرلىقى، ئىشتات ۋە باشقا فېدېراتسىيە ئورگانلىرىدىن خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمغا تەييارلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتسىز تەدبىر قوللىنىش توغرىسىدا پارلامېنتقا دوكلات سۇنۇش تەلەپ قىلىنغان. باياناتتا دېيىلىشىچە، ھەرىكەتسىز تەدبىر خىتاينى جازالاش ۋە ئالدىن قول سېلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش ئىكەن.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا يەنە: «شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيە ئارمىيەسىنى 2027-يىلغىچە تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشقا تەييارلىق قىلىشقا بۇيرىدى. شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر بۇيرۇقى ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى شۇنداقلا ئامېرىكا ئۈچۈن يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ» دېيىلگەن .
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ