خىتاي ئارمىيە دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن كۆپ ساھەدە ھەمكارلاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 30-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەردە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تەن كېفېي قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ئىككى دۆلەت بىرلىكتە دۇنيا بىخەتەرلىك تەشەببۇسىنى يولغا قويىدۇ» دېگەن.
تەن كېفېي يەنە: «ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئۆز-ئارا ئىشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارادا ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى بىرلىكتە قوغدايدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
ئۇ يەنە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ دېڭىز ۋە ھاۋا چارلاش ساھەسىدە بىرلەشمە مانېۋىر تەشكىللەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا رۇسىيەنى زىيارەت قىلغاندا بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ