ئاپتوموبىل تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەكشۈرۈلدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئاپتوموبىل تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 28-مارت ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى رون ۋايدېن سەككىز چوڭ ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە بەش يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتوموبىل بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇنلارغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئاپتوموبىل بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ياكى يوقلۇقىنى تەكشۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تېسلا ۋە ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى قاتارلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر شۇنداقلا بوش قاتارلىق تەمىنلىگۈچىلەرگە ئەۋەتىلگەن مەكتۇپلاردا شىركەتلەردىن ئۇلارنىڭ ماتېرىيال مەنبەسىنى قانداق تەمىنلەش ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى قانداق ئۇسۇلدا نازارەت قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات تەلەپ قىلىنغان.

رون ۋايدېننىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنىڭ بىۋاسىتە تەمىنلىگۈچىلەرگە تايىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت ۋە تەمىنلىگۈچىلەرگە يازغان مەكتۇپتا، ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى نازارەت قىلىش ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتلار سۈرۈشتە قىلىنغان. خەتتە يەنە شىركەتلەرنىڭ چەتئەل تىلىدىكى تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ساقلاپ قالغان ياكى قالمىغانلىقى، بۇ ساھەدە مۇۋاپىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ياكى كۆرسەتمىگەنلىكى تەكشۈرۈلگەن. ئۇندىن باشقا يەنە تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ نەشر بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈش ۋە شىركەتلەردىن خىتايدىكى تارماق تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن بىرىنچى قول تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلار شىركەتلەردىن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئەسى تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان ياكى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلگەن شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ۋە توشۇش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.

 تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1669 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2023 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق