ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى لىسا موناگو مۇستەبىت خىتاي رېجىمىنىڭ دېموكراتىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، چىرىكلىكنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيتكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ يامان غەرەزلىك قىلمىشىغا داۋاملىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 29-مارت ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن تەشكىللىگەن ئىككىنچى قېتىملىق يەرشارى دېموكراتىك دۆلەت باشلىقلار يىغىنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى تەھدىت كۆلەڭگىسى سايىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە باشقا مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ۋە يامان غەرەزلىك قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىدىن داۋاملىق قوغدىنىدىغانلىقىنى، مۇھىم تېخنىكىلارنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ زىيانكەشلىك قورالىغا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە: «ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنلىرى ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى ئۆكتىچىلەرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتىن تارتىپ، ئۇكرائىنادىكى دېموكراتىك تىرىشچانلىقنى ئاشكارا ئاغدۇرۇپ تاشلاشقىچە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تەرتىپىنى بۇزۇپ تاشلاپ دېموكراتىيەنى ئاغدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى چوقۇم دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك، دېموكراتىڭ دۆلەت باشلىقلار يىغىنىنىڭ نىشانى بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قولىدىكى بارلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ، قانۇن-تەرتىپ ۋە ئامېرىكا، ھەمدە دۇنيانىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ