شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىن 140 مىڭ نوپۇس باشقا جايلارغا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن

شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىن 140 مىڭ نوپۇس باشقا جايلارغا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن

شىنخۇا تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئالدىنقى ئىككى يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىن 140 مىڭ نوپۇسنى باشقا جايلارغا مەجبۇرىي كۆچۈرگەن.
خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىن باشقا جايلارغا كۆچۈرۈش پىلانىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقى، خىتاينىڭ مالىيە ياردىمى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشتا ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە باشقا جايلاردىكى ئاھالىدىن 159 مىڭنى «نامراتلارنى يۆلەش» نامىدىكى «ئەمىن ئۆي»گە كۆچۈرۈلۈش پىلانلانغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن توققۇز مىليارد 517 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغانلىقى، 2016-يىلىدىن 2018-يىلغىچە جەمئىي 140 مىڭ ئاھالىنىڭ باشقا جايلارغا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئائىلە كۆچۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان رايونلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر باھانىسى بولسا «سۇ مەنبەسى قىسلىق، يەرلەرنىڭ چۆللىشىپ كېتىشى» ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يەرلەر چۆللىشىپ كېتىش، سۇ قىس بولۇش» دېگەندەك نوپۇش كۆچۈرۈش باھانىلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاھالىسىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئورنىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىنى يوشۇرۇنغانلىقىنى، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1412 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2019 17:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق