خىتاي ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى پاراسېل ئارىلىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن ئامېرىكا قوغلىغۇچى پاراخوتىنى نازارەت قىلغانلىقىنى، ھەمدە رايوندىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى شۇ كۈنىلا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ باياناتىغا رەددىيە بېرىپ، ئامېرىكا قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە پاراخوتنىڭ قوغلاپ چىقىرىلمىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي ئارمىيەسى ئامېرىكىنىڭ «USS Milius» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە بۆسۈپ كىرىپ، دېڭىز يولىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بۇزغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

خىتاي جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ باياناتچىسى تيەن جۇنلىن ئېلان قىلغان باياناتتا جەنۇبى جەڭ رايونىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرى ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ساقلاپ، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى شۇنداقلا جەنۇبتىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىنغان.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ باياناتىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكا قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئادەتتىكىدەك ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە قوغلاپ چىقىرىلغان ئەھۋالنىڭ بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يەتتىنچى فىلوتى باياناتىدا: «ئامېرىكا خەلقئارا قانۇن يول قويغان يەردە داۋاملىق ھەرىكەت قىلىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ رايوندا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى زېمىن تەلىپىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىق تەدبىرلىرىنى مۇستەھكەملەپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا قارشى تۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 941 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2023 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق