ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مۇداپىئە دىپلوماتىيەسى ئىستراتېگىيە ھۆججىتىنى يېڭىلىغان بولۇپ، تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەلىكلەردە خىتاينىڭ يامان تەسىرىدىن ئەنسىرەش كۈچەيگەن بولۇپ، خىتاينى دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت دەپ قارايدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيەدە خىتاي مەسىلىسى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپىنچە ئەنگلىيەلىكلەر خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ، يېرىمدىن كۆپرەكى خىتاينى دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن چوڭ خەتەر، دەپ قارايدىكەن.
ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتىسى راي سىناش ۋاكالەت شىركىتى «Redfield` & Wilton» ئىستراتېگىيەلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا ئەنگلىيە خەلقىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان كۆز قارىشىنى تەتقىق قىلغان، دوكلاتتا خىتاينىڭ ئەنگلىيە ۋە دۇنيا تەرتىپىگە خەۋپ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ %84 ى خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭ ئىچىدە 285 زىيارەت قىلىنغۇچى ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، 355 كىشى خېلى ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ،%21 كىشى بىر ئاز دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
57% زىيارەت قىلىنغۇچى خىتاينى دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زور خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىغان. پەقەت %17 زىيارەت قىلىنغۇچى خىتاينى دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك بىرەر نەرسە سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن، سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان-ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. 385 زىيارەت قىلىنغۇچى ئادەتتە بۇ مەسىلىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۈچتىن ئىككى قىسىم زىيارەت قىلىنغۇچى ئادەتتە خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىشنىڭ قىيىنلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ