خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى يەنە ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 52-يىغىنىدا ئىلگىرىكى ئادىتى بويىچە تۈرمىدىكى خورلاش، قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى جەنۋە شەھىرىدە داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 52-يىغىنىدا 22-مارت نەبىجان تۇرۇپ ئىسىملىك ئۇيغۇرنى كېڭەش يېغىنىغا قاتناشتۇرۇپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي ۋەكىللىرى يىغىنغا خەلقئارا جەمئىيەتنى يالغانچىلىقلىرى بىلەن ئالداش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدىن ئىكەنلىكى تونۇشتۇرۇلغان نەبىجان تۇرۇپ ئىسىملىك ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەردە داۋام قىلىۋاتقان تەن جازاسى بېرىش، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش رەزىل مەقسىتىدە قاتناشتۇرغان.

نەبىجان تۇرۇپ خىتاينىڭ تەييارلاپ بەرگىنى بويىچە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ تۈرمىدە ياتقانلىقىنى، تۈرمىدىكى ۋاقىتلاردا تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى ئۇرۇپ-تىللىمىغانلىقىنى، تەن جازاسى بەرمىگەنلىكىنى، تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈرمىدە ئۆزلۈكىدىن ئوقۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر ۋە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماددىي-مەنىۋى مەدەنىيىتىنى چەكلەپ ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىپ يوقىتىپ ھايات قالغانلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى ياسالما سىن، ياسالما گۇۋاھچىلار ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى بىلىپ يەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئالدامچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئادالەت تۇيغۇسى يوقاپ كەتمىگەن كىشىلەرنى ئالدىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 977 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2023 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق