تۈركىيەنىڭ مېدىپول باشاقشەھىر كوماندىسىدا توپ تېپىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر داڭلىق پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىل پۇتبول ئويناشنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مەسئۇت ئۆزىل 22-مارت ئۆزىنىڭ تىۋىتتىر ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن كەسپىي پۇتبول ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇ ئۇچۇرىدا ئۆزىنىڭ 17 يىلغا يېقىن كەسپىي پۇتبولچى بولۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مەن بۇ پۇرسەتتىن ئاجايىپ مىننەتدار، ئەمما يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدە ۋە ئايلاردا ئارقا-ئارقىدىن يارىلانغاندىن كېيىن، پۇتبول سەھنىسىدىن ئايرىلىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى، دەپ ئويلىدىم» دېدى.
ئۇ ھاياتىنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەر ۋە ھېسسىياتقا تولغان ئېسىل سەپەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، فورمىسىنى كىيگەن شالكې 04، ۋېردېر برېمېن، خان جەمەتى مادرىد، ئارسېنال، فەنەرباھچە ۋە مېدىپول باشاقشەھىر كوماندىلىرىدىكى بارلىق سەپداشلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.
ئۇ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە 159 قېتىم مۇسابىقىگە چۈشۈپ، بىرلەشمە ۋە پادىشاھ لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئارسېنال كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە 254 قېتىم مۇسابىقىگە چۈشۈپ، تۆت قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. گېرمانىيە دۆلەتلىك كوماندىسى تەركىبىدە 92 قېتىم چۈشكەن مۇسابىقىلەردە 23 توپ كىرگۈزگەنىدى، شۇنداقلا 2014-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇنىڭ كوماندىسى چېمپىيون بولغانىدى.
داڭلىق پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ 2019-يىلى 13-دىكابىر شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ھەققىدىكى تىۋىتتېر ئۇچۇرى دۇنيادا زىلزىلە پەيدا قىلغاندىن باشقا، خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغانىدى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ بولالمىغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يارىسىغا تۇز سەپكەن ئۇچۇر سەۋەبلىك خىتاي رېجىمى ئارسېنال كوماندىسى بىلەن مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ 15-دېكابىردىكى مۇسابىقىسى خىتاينىڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تارقىتىلمىغانىدى.
شۇنداقلا مەسئۇت ئۆزىلنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئارسىنالدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ تارقالغانىدى.
خىتاي نومۇسسىزلىقتا ھەددىدىن ئېشىپ مەسئۇت ئۆزىلنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سۆزلىرى تۈپەيلى ئۇنىڭغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ، «ئەمەلىي پۇتبول» كومپيۇتېر ئويۇنىدا ئىسمىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇنىڭ ھېساباتىنى چەكلەش، ئارسىنال كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى خىتاي تاراتقۇلىرىدا تارقاتماسلىق قاتارلىق خىلمۇ خىل چەكلىمىلەرنى قويغانىدى.
ئەمما ئۇ بىر قېتىممۇ ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرغانلىقى ئۈچۈن بېشىغا كەلگەنلەر پۇشايمان قىلىپ باقمىدى ۋە ھەردائىم ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ ھەققانىي مەۋقەسى سەۋەبلىك مىليونلىغان ئەگەشكۈچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىدىن خەۋەر تاپقانىدى.
ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى سۆيۈندۈرگەن ۋە ھېلىھەم كۈچىنى يوقاتمىغان سۆزلىرى ھەربىر ۋىجدان ئىگىىسگە خىتاب قىلماقتا:
«ئەي شەرقىي تۈركسىتان
ئۈممەتنىڭ قانىغان يارىسى
ئەزىيەتلەرگە قارشى چىداپ كېلىۋاتقان مۇجاھىد ۋە مۇجاھىدەلەر جەمئىيىتى
ئىسلامدىن مەجبۇرىي ئۇزاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارغا قارشى يالغۇز كۈرەش قىلىۋاتقان شانلىق مۇئمىنلەر
قۇرئانلار كۆيدۈرۈلمەكتە
مەسچىتلەر تاقالماقتا.
مەدرىسىلەر چەكلەنمەكتە
دىنىي ئالىملار ئارقىمۇ ئارقا ئۆلتۈرۈلمەكتە
ئەرلەر مەجبۇرى لاگېرلارغا سولانماقتا
لاگېرلارغا سولانغان ئەرلەرنىڭ ئورنىغا خىتاي ئەرلەر ئۇ ئائىلىگە يەرلەشتۈرۈلمەكتە
ئاچا – سىڭىللىرىمىز مەجبۇر خىتاي ئەرلەر بىلەن توي قىلدۇرۇلماقتا
مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بولۇۋاتقان تۇرۇپ
ئۈممىتى مۇھەممەد سۈكۈتتە
ئاۋازى چىقمايدۇ
مۇسۇلمانلار ئىگە چىقمايدۇ
ئۇلار بىلمەمدۇ، زۇلۇمغا رازى بولۇش زۇلۇمدۇر
ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نېمىدېگەن گۈزەل ئېيتقان:
زۇلۇمنى چەكلىيەلمىسەڭلار، ئۇنى ھەر كىشىگە ئاڭلىتىڭلار» دەپ.
غەرب مېدياسى ۋە دۆلەتلىرىدىمۇ بۇ ۋەقەلەر ئايلاردۇر، ھەپتىلەردۇر كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە مېديالىرى قەيەردە؟ ...
ئۇلار بىلمەمدۇ، زۇلۇم بار يەردە تەرەپسىز بولۇش، نومۇسسىزلىقتۇر.
ئۇلار بىلمەمدۇ، يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق كۈنلەرگە دائىر ئەسلەيدىغانلىرى زالىملارنىڭ قىيىن – قىستاقلىرى ئەمەس، بەلكى بىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرغانلىقى بولىدۇ..
يا رەببى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىل
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تۇزاق قۇرغۇچىلارنىڭ تۇزاقلىرىنى بەربات قىلىشقا ئەڭ ماھىردۇر...»
مەسئۇت ئۆزىل يەنە 2020-يىلى «دۇنياۋى مۇنەۋۋەر مۇسۇلمان مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر