ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «تەيۋەن كاپالەت قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «تەيۋەن كاپالەت قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزگەن بولۇپ، قانۇندا قەرەللىك ھالدا تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەكشۈرۈپ ۋە يېڭىلاپ تۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 22-مارت 2020-يىلى ماقۇللانغان تەيۋەن كاپالەت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ماقۇللىغان. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەت كېڭىشى مەھكىمىسىدىن تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە يېتەكچى پىرىنسىپلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ ۋە يېڭىلاپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا مىسسۇرى ئىشتاتىدىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەن ۋاگنېر (Ann Wagner) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر لايىھە چارشەنبە كۈنى 404 ئاۋازنىڭ قوللىشى، يەتتە ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە ئاۋام پالاتادا ماقۇللانغان. قارشى بىلەت تاشلىغانلارنىڭ ھەممىسى دېموكراتچى پارتىيە ئەزالىرى بولۇپ قالغان.

ئەن ۋاگنېر مەزكۇر قانۇن ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلغان. ئۇ باياناتىدا: «تەيۋەن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە، بۇ تەھدىت كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتايدىن كەلمەكتە، خىتاي نۆۋەتتە خەتەرلىك ھالدا رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈردى. بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئېگىلەش پىلانىنى مەغلۇپ قىلماقچى بولساق، قورقىتىشلاردىن قورقماسلىقىمىز لازىم» دېگەن.

ئۇ باياناتىنىڭ داۋامىدا: «بۇ بىزنىڭ دوستلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىقنى  كۈچەيتىشىمىز، بولۇپمۇ تەيۋەن مەسىلىسىدە دادىللىق بىلەن تۇرىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز تەيۋەن بىلەن چوقۇم ئىقتىساد، مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىپ تەيۋەننىڭ دېموكراتىك سىستېمىسىنى سىياسىي جەھەتتىن قوللىشىمىز كېرەك. بۇ قانۇن لايىھەسى بۇ نىشانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن.                                 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 829 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2023 16:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق