ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 22-مارت دۇنيا مۇسۇلمانلىرى كۈتۈۋالغان رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ باستۇرۇشى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىگەن باياناتىدا: «ئامېرىكا شېرىكلىرىمىز بىلەن ۋە زۇلۇمغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇسۇلمانلار بىلەن داۋاملىق بىر سەپتە تۇرىدۇ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ قول ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، بېرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ» دېگەن.
بايدېن باياناتىدا يەنە تۈركىيە ۋە سۇرىيەدە يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار ۋە پاكىستاندىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلارنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ مۇقەددەس كۈنلەردە ئامېرىكا ئاپەت سەۋەبلىك ئازاب چېكىۋاتقان ھەمدە ۋەيران بولغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى» دېگەن.
بايدېن باياناتىدا ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت پەيتىگە توغرا كەلگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۇنجى بولۇپ خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» دەپ تونۇغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ