22-مارت چۈشتىن كېيىن خىتاينىڭ جېجياڭ ۋە جياڭشى ئۆلكىسى قاتارلىق نۇرغۇن جايلىرى ئېغىر گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر، مۆلدۈر ۋە كۈچلۈك بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، 38 مىڭ كىشى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
خىتاي مەركىزىي مېتېئورولوگىيە كۆزىتىش مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 22-مارت چۈشتىن كېيىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 4:00 دە، جېڭخې ناھىيەسى ۋە بىر قىسىم يېزا-بازارلاردا ئىككى-ئۈچ مىنۇت تۇخۇم چوڭلۇقىدا قاتتىق مۆلدۈر ياغقان. بەزى ئۆي ۋە زىرائەتلەر بۇزۇلغان. ئالاقىدار تارماقلار خادىملارنى تەشكىللەپ ئاپەتتە كېلىپ چىققان زىياننى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 23-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بىر قانچە ئۆلكىلىرىدە ئېغىر بوران ۋە مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەرگەن. جياڭشى ئۆلكىلىك جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جياڭشىدا يۈز بەرگەن بوران ۋە مۆلدۈر ئاپىتى 38 مىڭ كىشىگە تەسىر قىلغان. بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 35 مىليون 660 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
21-مارتتىن 23-مارتقىچە جياڭشى ئۆلكىسىدە قاتتىق يامغۇر ياغقان ھەمدە كۈچلۈك چاقماق چېقىپ گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ۋە كۈچلۈك بوران چىققان. ئاپەت قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆلكە تەۋەلىكىدىكى گەنجوۋ، فۇجۇ ۋە جىئەن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.
خىتاي رېجىمى ھاۋارايى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىپ، 22-مارتتىن 24-مارتقىچە خۇنەننىڭ جەنۇبى، جياڭشىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبى قىسمى، جېجياڭنىڭ جەنۇبى، فۇجيەننىڭ غەربى شىمالى، گۈيجۇنىڭ غەربى ۋە جەنۇبىدىكى قىسمەن رايونلاردا 8-10 بال قاتتىق بوران چىقىدىغانلىقى ھەمدە مۆلدۈر ياغىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ