فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا تۇرىدىغان يېڭى بازىسىنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ماركوس 22-مارت ئارمىيە كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ تاراتقۇلارغا قىلغان سۆزىدە، فىلىپپىن ۋە ئامېرىكىنىڭ پات يېقىندا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىلىدىغان تۆت يېڭى ھەربىي بازىنىڭ ئورنىنى رەسمىي ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، فىلىپپىننىڭ پېنسىيەگە چىققان گېنېرالى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان تۆت يېڭى بازىنىڭ لۇزون ئارىلىدىكى كاساباياننىڭ ئىسابېلا، زامبالېس ۋە كاگايان قاتارلىق ئۆلكىلەرگە جايلاشقانلىقىنى ۋە پالاۋاننىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەرەپكە قارايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 2014-يىلى ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان «كۈچەيتىلگەن مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى»گە ئاساسەن، فىلىپپىن بەش ھەربىي بازىسىنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېڭىلاپ ئىشلىتىشى، قورال ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئالدىن ئورنىتىش ۋە ئەسكەر تۇرغۇزۇشىغا قوشۇلغان. ئامېرىكا نۆۋەتتە مەزكۇر بەش ھەربىي بازىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن 80 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان.
دۈشەنبە كۈنى فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارلىتو گالۋېز ئامېرىكا مەبلەغ سالغان باركا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى ھاۋا يولى رېمونت قىلىش تۈرىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمىدا: «ئىككى تەرەپ كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى جىددىي داۋام قىلماقتا. كەلگۈسىدە بىز ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ماركوس ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشلەتمەكچى بولغان يېڭى ھەربىي بازىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان پالاۋان ئارىلى، شۇنداقلا شىمالىي ۋە جەنۇبىي رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى دەلىللەپ، ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، فىلىپپىننىڭ مۇرەككەپ ۋە مۆلچەرلىگۈسىز تاشقى تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەشكە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ