شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ئۇكرائىنا كىرىزىسى ھەققىدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن موسكۋا كىرېمل سارىيىدا خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئىككى تەرەپ سۆھبەتتىن كېيىنكى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن 21-مارت كۈنىدىكى سۆھبەتتە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر قاتار پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. پۇتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رۇسىيەدىن چېكىنگەن غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ رۇسىيەگە مەبلەغ سالغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە رۇسىيەدىن موڭغۇلىيە ئارقىلىق خىتايغا تۇتىشىدىغان «سىبىرىيە ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى 2» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ خىتاينى ئىشەنچلىك ۋە مۇقىم ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ زىيارەت رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ موسكۋاغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، بۇ قېتىم شى جىنپىڭ پۇتىننى بېيجىڭغا تەكلىپ قىلغان. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئالدىنقى ھەپتە پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادا قىلغان ئۇرۇش جىنايىتى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى تەستىقلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ زىيارىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يېنس سىتولتېنبېرگ رۇسىيە-خىتاي ئۇچرىشىشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينى موسكۋانى ئەجەللىك ياردەم بىلەن تەمىنلىمەسلىكنى، ئەگەر ئۇنداق بولۇپ قالغان تەقدىردە قانۇنسىز ئۇرۇشقا ياردەم بەرگەنلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرغان.

سىتولتېنبېرگ سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ ئەجەللىك قوراللارنى موسكۋاغا يەتكۈزگەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق پاكىتنى كۆرمىگەنلىكىنى، ئەمما موسكۋانىڭ بېيجىڭغا قورال ياردەم تەلىپى قويغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەر بارلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ رۇسىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، زىيارەت داۋامىدا خىتاي بىلەن رۇسىيە ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن ۋىلادىمىر پۇتىن 21-مارت «يېڭى دەۋرگە ماسلىشىپ ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» توغرىسىدا توققۇز ماددىلىق بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغان. باياناتتا گەرچە بىۋاستە ئامېرىكىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلىشىپ غەربكە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ھەمدە غەرب ئۇسلۇبىدىكى دېموكراتىيە سىياسىي تۈزۈلمىسىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پۇتىن خىتابنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ داۋاملىشىشى توغرىسىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق پىلانىنىڭ نۇرغۇن ماددىلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيەسىگە ئۇيغۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ تەكلىپلەرنى غەرب بىلەن كىيېۋ تەييار بولغاندا مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ، دەپ ئويلايمىز. ئەمما ھازىرغا قەدەر بىز ئۇلارنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرەلمەيۋاتىمىز» دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا بولسا، رەھبەرلەرنىڭ ئۇكرائىنا توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنىڭ ئۇرۇشنىڭ پات يېقىندا ئاخىرلىشىشىغا قارىتا ئۈمىد بېرەلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى تەرەپلەرنىڭ ب د ت نىزامنامىسىنىڭ مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ب د ت نىڭ يەنە بىر ئەزاسى بولغان ئۇكرائىنا زېمىنىدىن رۇسىيەنىڭ چېكىنىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «خىتاي ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدىغان بولسا، چوقۇم رۇسىيەگە ئۇكرائىنادىن چېكىنىشى توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 888 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2023 16:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق