مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى (ABIM) 20-مارت ھىندىستاننىڭ دارامسالادا ياشاۋاتقان تىبەتلەرنىڭ دىنىي رەھبىرى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىسلام ئۆچمەنلىكى مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
مالايشىيا كىنى خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مالايشىيا ئىسلام ياشلار ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد فايسال ئابدۇل ئەزىز كۆرۈشۈشتە، نۆۋەتتىكى ئىسلام دۈشمەنلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشىنى تىلغا ئالغان. مۇزاكىرىدە ئىسلام ياشلىرى ھەرىكىتى تەرەپ يەنە ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر ئېزىلگەن مىللەتنىڭ ھوقۇقىنى بىرلىكتە قوغداش مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دالاي لاما مۇزاكىرە جەريانىدا: «ئۇيغۇر دوستلىرىمنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىغىنمدا، ئازاب ۋە قايغۇ ھېس قىلىمەن» دېگەن.
ئۇچرىشىشتا يەنە ئىسلام ياشلار ھەرىكىتى تەرەپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە دالاي لاماغا مالايشىيالىقلارنىڭ باش كىيىمىنى كىيدۈرگەن. شۇنداقلا قۇرئاننىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى ۋە ئىسلام ۋە بۇددا دىنىي ھەققىدىكى باشقا كىتابلارنى تەقدىم قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ