ئىستانبۇلدا 2-قېتىملىق ئانا-بالىلار كىتاب يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر تەتقىقات ۋەقفى زالىدا 18-مارت 2-قېتىملىق رامىزانلىق ئانا-بالىلار كىتاب يەرمەنكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

يەرمەنكىگە ئەۋلاد نەشرىياتى نەشر قىلغان ژۇرنال ۋە كىتابلار، تەكلىماكان نەشرىياتى نەشر قىلغان بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى، ھىرا بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ۋە ئوقۇش ماتېرىياللىرى قويۇلدى. كۆرگەزمىدە كىتابلار ئېتىبار باھادا سېتىلغاندىن سىرت، بىر قىسىم كىتابلار زىيارەتچىلەرگە ھەدىيە قىلىندى.

پائالىيەت جەريانىدا يەنە رىشتە-مېھىر گۇرۇپپىسى كۆرگەزمىگە قاتناشقان بالىلارنى رەسىم سىزىش ۋە تۈرلۈك ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان ئويۇنلارغا تەشكىللىدى.

مەزكۇر يەرمەنكىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدە كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش، خۇسۇسەن ئانا تىل سۆيگۈسىنى كۈچەيتىش ئاساسلىق مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، يەرمەنكىگە كەلگەن ئاتا-ئانىلار ۋە ئۆسمۈرلەر كىتابلارنىڭ كۆپ خىللىقى، مەزمۇنى ۋە تىلىنىڭ بالىلارغا ماس تەييارلانغانلىقىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە نەشرىياتلارنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئانا تىلدىكى كىتاب، ماتېرىياللارنىڭ يېتەرلىك كۆپ بولمىغان بىر ۋەزىيەتتە، بۇ يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا ۋە مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى، ئېتىقادى ۋە كۈلتۈرىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1083 قېتىم كۆرۈلدى
21/03/2023 18:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق