ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى خىتاي پۇقرالىرىدىن دەرھال مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشنى ۋە چېكىنىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 19-مارت ئورگان تورىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ دۆلەتتە نەچچە ئايدىن بۇيان بىخەتەرلىككە تەھدىت سالىدىغان ۋەقەلەرنىڭ كۆپ يۈز بەرگەنلىكىنى، چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ شۇ جايدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئافرىقىغا ساياھەت تەشكىللەيدىغان خىتاي ئاپپاراتلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرى ۋە شۇنداقلا ئوتتۇرا ئافرىقىغا كېلىش ئويى بار خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەگەر زۆرۈر بولمىسا پايتەخت باڭگىدىن باشقا جايلارغا بارماسلىقىنى ئەسكەرتكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، نوپۇسى تەخمىنەن 5 مىليون، دۆلەت زېمىنى 623 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ دۆلەتتە ئالماس، ئالتۇن، ئۇران، نىكېل، مانگان قاتارلىق كۆپ خىل قېزىلما بايلىقلار چىقىدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ دۆلەتنىڭ ئامانلىق مۇھىتى ناچارلاشقان.
خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەزكۇر دۆلەتتە بايلىق قېزىش ۋە يەرلىك خەلقنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلىرى يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرى پات-پات تۇتقۇن قىلىنىدىغان، ھەتتا ئۆلتۈرۈلىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، 19-مارت خىتاي باشقۇرۇۋاتقان بىر ئالتۇن كانغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز خىتاي پۇقراسى ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ