ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى ھۇجۇمدا توققۇز خىتاي ئۆلدى

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى خىتاي كونترول قىلىۋاتقان ئالتۇن كان ھۇجۇمغا ئۇچراپ، توققۇز خىتاي ئۆلتۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 19-مارت ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى خىتاي باشقۇرۇۋاتقان بىر ئالتۇن كانغا ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، توققۇز خىتاي پۇقراسى ئۆلۈپ، ئىككىسى يارىلانغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر قوراللىقلار بىر قانچە كۈن ئىلگىرى كامېرون بىلەن ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي چېگراسىغا يېقىن جايدا ئۈچ خىتاينى تۇتقۇن قىلىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن. ۋەقەدىن كېيىن ئوتتۇرا ئافرىقا پىرېزىدېنتى فائۇستىن ئارچېن توۋادېرا خىتايغا بېرىپ، خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشقان.

ۋەقە يۈز بەرگەن يېقىن ئەتراپتىكى بامبارى بازىرىنىڭ باشلىقى ئابىل ماتىپاتا  نىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، چىمبولو ئالتۇن كانىغا قىلىنغان ھۇجۇم 19-مارت شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت بەش ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. ئالدى بىلەن قوراللىقلار نەق مەيداندىكى قوراللىق قاراۋۇللارنى بويسۇندۇرغان. ئارقىدىن خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر كاننىڭ ئېچىلغىنىغا تېخى بىر نەچچە كۈن بولغانىكەن.

يەرلىك بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلغان.

نۆۋەتتە ھېچقانداق گۇرۇپپا ياكى شەخس بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ئۈستىگە ئالمىغان بولۇپ، ئەمما كىشىلەر ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات «ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىتتىپاقى» بۇ ھۇجۇمنى قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى نۇرغۇن كانچىلىق شىركەتلىرى نۆۋەتتە خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، ئىزچىل بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلمەكتىكەن. 2020-يىلى يەرلىك ئاھالىلەر سوسو ناكومبودىكى خىتاي باشقۇرۇۋاتقان كانغا قارشى چىقىپ، ئىككى خىتاينى ئۆلتۈرگەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقى سەۋەبلىك 2018-يىلىمۇ ئۈچ خىتاي پۇقراسى ئۆلتۈرۈلگەنىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 836 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2023 16:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق