بىرلىك ۋەقفىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

بىرلىك ۋەقفىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

11-سېنتەبىر بىرلىك ۋەقفى باش مەركىزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمكى زامان تارىخى ۋە يېقىنقى زاماندا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى قىسقىچە چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خەلقنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھىسىزلەرچە باستۇرۇلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئۇ يەنە يېقىنقى مەزگىلدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە «تېررورچى» دېگەن تۆھمەتنى ئارتىپ، بارلىق دىنىي كىتابلارنى يىغىپ كۆيدۈرۈش بىلەن توختاپ قالماي، يەنە مەسچىت-جامەلەرنى چېقىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن ئىسلامنىڭ ئىزناسىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

 

بۇ خەۋەر 1460 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2019 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق