ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن ئىمپورت قىلىشقا چەكلىمە قويۇشنى پىلانلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى يېشىل تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتايدىن خام ئەشيا ئىمپورت قىلىشقا چەك قويۇشنى پىلانلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى 16-مارت يېشىل تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاساسلىق خام ئەشيانى بىر تەرەپ قىلىش سىياسىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىشقا چەكلىمە قويۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تولۇقلىما ۋە باشقا مالىيە جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى بولغان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ پىلانى كىلېمات نېيترال ئىقتىسادىغا قاراپ قەدەم بېسىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرغان دۇنيادا گېئوپولىتىكىلىق ئىتتىپاق بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىرانس تىمېرمانسنىڭ  ئېيتىشىچە، خىتاي دۇنيادىكى يېشىل ۋە پاكىز ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئىلگىرى كەتكەن بولۇپ، بۇ ساھە كەلگۈسىدە دۇنيا ئىقتىسادىغا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. نۆۋەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىمپورت قىلغان ئاز ئۇچرايدىغان سىيرەك توپا ماتېرىياللىرىنىڭ %98 ى، ماگنىينىڭ %93 ى خىتايدىن كېلىدىكەن.

ئۇ سۆزىدە :«شۇنى بىلىپ يەتتۇقكى، خىتاينىڭ ئون يىل ئىلگىرى چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى خىتاي ئىچىدە ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى. شۇڭا بىز كېيىنكى نەچچە ئون يىلىمىز ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك قارار چىقىرىشىمىز كېرەك» دېگەن

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تەكلىپنىڭ مۇھىم نۇقتىسى 2030-يىلغا بارغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەت ئېھتىياجلىق بولغان يېشىل تېخنىكىنىڭ كەم دېگەندە %40 ىنى ئۆز ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشقا ۋەدە بېرىش ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قانداق ئىستراتېگىيەلىك خام ئەشيانىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتتىن ئىمپورت قىلىش نىسبىتىنى %65 تىن ئېشىپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش، بولۇپمۇ خىتايغا قارىتا شۇنداق قىلىش ئىكەن.

مەزكۇر پىلان لايىھەسىدە ئىمپورتقا مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق خىتايغا تايىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھالقىلىق خام ماتېرىيال ئىتتىپاقى قۇرۇپ، كۈنسېرى مۇقىمسىزلىشىۋاتقان يەر شارى مۇھىتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 913 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2023 17:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق